ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى
2016.12.07
ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى كېلىش ئالدىدا تۇرغان 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى.
چاقىرىقنامىدە ئالاقىدار ۋە شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى مەزكۇر كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەشكە ۋە خىتاي تەرەپنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەنقىدلەشكە، خىتايغا ئىجابىي تەكلىپلەرنى بېرىشكە دەۋەت قىلدى.
تەنقىد ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش شەكلىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يېزىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر ئورتاقلىشىش قاتارلىق ھەر خىل بولۇشى تەلەپ قىلىنغان چاقىرىقتا، تايلاندتا 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاماقخانىدا ياردەم كۈتۈپ تۇرغانلىقى، تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 100 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن تەپسىلىي ئۇچۇر يوقلۇقى، پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلىرى سەۋەبلىك مۇددەتسىز قاماقتا يېتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېقىندا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك ئاتا، ئانىلاردىن جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى مەزكۇر چاقىرىقنامىسىنى ئېلان قىلىشتىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى 10-دېكابىر كۈنى، دۇنيادىكى ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە بولۇۋاتقان شەخس ۋە گۇرۇپپىلار ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.









