كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى شاۋكەت مىرزايېۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2016.12.12
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا 86 % ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى بولغان شاۋكەت مىرزايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتىدىن ئۆزبېكىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ئائىت 9 تۈرلۈك قەدەمنى بېسىشنى تەلەپ قىلغان.
فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شتابى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مىرزايېۋنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئازاد قىلىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى، دىنى ئەركىنلىك، مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىشى ۋە باشقىلارنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارالىق پۇقرالار ھوقۇقى قوغدىغۇچى ناملىق تەشكىلاتىمۇ شاۋكەت مىرزايېۋنى ئىسلام كەرىموۋنىڭ تەقىبلەش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
ئەمما ھازىرغىچە مىرزايېۋ ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان - ياكى بارمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.









