«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى ساداسىنى كۈچەيتتى
2020.12.10
10-دىكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈندە خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەشنى ئەڭ مۇھىم بۇرچى دەپ بىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي 9-دېكابىر ئۆز تور بېتىدە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەل، ئادالەتلىك بىر دۇنيانى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ قەتئىي زۆرۈرلىكىنى، ئەمما ھازىر بۇنىڭ ئۈچۈن تېخى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«سودا دۇنياسى» تورىنىڭ 10-دېكابىردىكى سەھىپىسىدە «شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشقا چاقىرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، چاقىرىقنامىدە «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بىزگە قېتىلىپ، خىتاي ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە تىبەتكە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش قىلىڭلار» دېيىلگەن ھەمدە دۇنيانى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى تونۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن بۇ نامايىشنىڭ جەنۋە، نيو-يورك، ۋاشىڭتون، سان-فرانسېسكو، تورونتو قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.









