ئاۋسترالىيە «ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ماقۇللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.08.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىسا پېيىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەرىسا پەيىن 5-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ قانۇن «خەلقئارا ئەندىشە قوزغىغان قورقۇنچلۇق ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلار» غا قارىتا نىشانلىق پۇل-مۇئامىلە ئى‍مبارگوسى ۋە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەرىسا پېيىن خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇننىڭ خىتايغا قارىتىلىش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن. بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىمبارگو كۆلىمىنى كېڭەيتىدىكەن شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر كونكرېت قانداق جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشنى بېكىتىدىكەن.

مەرىسا پەيىن 5-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە بۇ قانۇن ئارقىلىق «ئاۋسترالىيە قانداق جايدا يۈز بەرسە بەرسۇن كونكرېت بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنى نىشان قىلمىغان ئاساستا جازالاشقا تېگىشلىك ھەرىكەتلەردە بولغان شەخس ۋە ئاپپاراتلارغا قارىتا نىشانلىق پۇل-مۇئامىلە جازاسى ۋە ساياھەت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە قادىر بولىدۇ» دېگەن. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تا رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.