كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 23-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى جازا ھۆكۈمىنى بىكار قىلىپ، تونۇلغان ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ھەم ئۆكتىچى ئىلھام توختىنى ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 10-يىلىدا قويۇپ بېرىشى كېرەك» ئىكەن.
باياناتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىلھام توختىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ئۆكتىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆمۈرلۈك قامىلىشى ۋە تەن جازاسى تەرىقىسىدە يالغۇز سولىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشى ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ».
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا: «ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە قامىلىشى شىنجاڭدىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋەزىيەت ب د ت ئورگانلىرى ۋە ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق دوكلاتلىرىدا، بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلدىكى دوكلاتىدا گەۋدىلەنمەكتە» دېيىلگەن.
ھالبۇكى، ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى مارىي لاۋلور خانىم 23-سېنتەبىر كۈنى X تا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدىمۇ، خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى باستۇرۇشتا جىنايى ئىشلار قانۇنىنى سۇيىئىستېمال قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-سېنتەبىر ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، خىتاينىڭ «بۇ 10 يىللىق ناھەقچىلىككە خاتىمە بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان. خىتايدىكى «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق دوتسېنتى ۋە ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.