كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.12

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خىتايدا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولېف شولىزغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشى ئۈچۈن كۈچىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا يەنە «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى»ە خاتىمە بېرىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تىلى ۋە ئەنئەنىلىرىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى، (ئۇيغۇرلارنىڭ) بىر خەلق سۈپىتىدە ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە گېرمان، تىبەت ۋە خوڭكوڭ  تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ يوللىغان مەزكۇر مەكتۇپتا، ئولېف شولىزنىڭ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىدىكى قەبىھلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ مەكتۇپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ 13-ئاپرېلدىن 17-ئاپرېلغىچە بولىدىغان تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە زور كۆلەملىك بىر سودا ئۆمىكىنى باشلاپ كېلىدىغانلىقى، ئۆتكەن يىلى خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان ئولېف شولىزنىڭ ئەمدى خىتاي بىلەن «قايتا ھەمكارلىق» ئورنىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يېزىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئولېف شولىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتنىڭ قوشۇمچە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خىتاي ئېكسپورت ماللىرىغا تەدبىر قوللىنىش تەھدىتىدە بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن «قايتا ھەمكارلىق» ئېلىپ بارماقچى بولۇشىنىڭ خەتىرى يۇقىرى ئىكەن.

گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قاتتىق تەدبىر قوللانماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئېقىپ كىرىشىگە يول ئاچىدىكەن. خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە چىقارغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 200 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشقان. ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئولېف شولىزغا يازغان مەكتۇپىدا يەنە گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان سىياسىتىنى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرگىمۇ يۈرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.