خىتاي ئامېرىكىنىڭ غايىب بولغان خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.02

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كېربىي 1-فېۋرال بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خوڭكوڭ توڭلېۋەن كىتابخانىسىنىڭ ئەنگلىيە پۇقرالىقىدىكى لى بو ۋە باشقا خادىملارنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 2-فېۋرال خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ بېيجىڭدا باياناتى بېرىپ، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭ خوڭكوڭنىڭ خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى زېمىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ پائالىيىتى دۆلەت سىرىدىكى قانۇنسىز پائالىيەتكە كىرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارىلاشماسلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربىي 1-فېۋرالدىكى باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 5 كىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، غايىب بولۇش جەرياننى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ تېز ئارىدا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2 كىشىنىڭ قولىدا ياۋروپا پاسپورتى بار.» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.