ئەنگلىيە خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.02.12


ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند بۈگۈن يوقاپ كەتكەن خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش لى بونىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بۇنىڭ ئەينى چاغدا خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندە ئەنگلىيە - خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرنى «چەيلىگەنلىك» بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ، مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا ئەنگلىيە تەرەپ ھازىرغىچە بىلدۈرگەن ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس ھېسابلىنىدىكەن.

فىلىپ خامموند بۇ سۆزلەرنى خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بېرىتانىيە پارلامېنتىغا ھەر 6 ئايدا بىر سۇنۇلىدىغان دوكلاتتا قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە خوڭكوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ مۇقەددەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

ئەنگلىيە پۇقراسى لى بو ئۆتكەن دېكابىردىن ئېتىبارەن سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ كەتكەن 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنىڭ بىرى. بۇ بەشەيلەن خوڭكوڭدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىگە ئائىت كىتابلارنى سېتىش ۋە نەشر قىلىش بىلەن تونۇلغان.

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ خىتايدا « قانۇنسىز ئىشلار» بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بېيجىڭغا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا جۈمە كۈنى فىلىپ خامموندنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئۇنى «ئاساسسىز ئەيىبلەش» دەپ رەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.