كىتاب سودىگىرىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەن قارا خالتا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى كۈچەيتكەن

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا يەنە بىر مۇستەقىللىق پارتىيەسى قۇرۇلغان.

برىتانىيە ھاكىمىيىتىگە قايتىش ئىتتىپاقى نامىدا قۇرۇلغان بۇ پارتىيەنىڭ باشلىقى بىللي چيۇ ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيە قوينىغا قايتىشنىڭ بىر ئۆتەڭ ئىكەنلىكىنى، ئاخىرقى پەللىسىنىڭ بولسا مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ، يېقىنقى ئايلاردا خوڭكوڭدا قۇرۇلغان مۇستەقىللىق غايىسىدىكى ئىككىنچى پارتىيە ئىكەن. بۇ يىل مارت ئېيىدا قۇرۇلغان «خوڭكوڭ مىللىي پارتىيىسى» ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبىنى خوڭكوڭدا ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە بەش نەپەر كىتاب سودىگىرىنىڭ غايىبلىق ۋەقەسىنىڭ تەسىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، قويۇپ بېرىلگەن بەش نەپەر كىتاب سودىگىرىدىن بىرى بولغان لام ۋىڭكى ئۆتكەن ھەپتە ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدە ئاخباراتقا مەلۇمات بېرىپ ئۆزىنىڭ تۇتۇلغان چېغىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر رايونىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈش خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ گۇماندارلارنى قورقۇتۇش ۋە جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش تەدبىرى بولۇپ، بۇ تەدبىر ئۇيغۇر رايونىدا ھەتتاكى ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆرگەن ئايال گۇماندارلارغىمۇ قوللىنىلماقتا ئىكەن.