خوڭكوڭ ساقچىلىرى كىتاب سودىگىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.07.06

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاي قويۇپ بېرىلگەن خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى لىن رۇڭجىغا تەھدىت سالغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

61 ياشلىق لىن رۇڭجى (لام ۋىڭكى) يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي ھاياتى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىپ داڭ چىقارغان خوڭكوڭدىكى توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ خادىمى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر كىتابخانىنىڭ بەش خىزمەتچىسى بىلەن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن ۋە كېيىن خىتايدا تېلېۋىزورغا چىقىرىلىپ توۋا قىلدۇرۇلغان ئىدى.

ئۇ ئۆتكەن ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاخباراتقا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ خىتايغا كىرگەندە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۆز خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ساقچى دائىرىسىگە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ، خوڭكوڭغا يېنىپ كەلگەندىن كېيىن خىتايغا قايتىشنى رەت قىلغان ۋە خىتايدا جۈملىدىن نىڭبو ساقچىخانىسىدا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاتقان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە پىكىر بىلدۈرگەن خىتاينىڭ نىڭبو ساقچىخانىسى لىنغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، چوقۇم خىتايغا قايتىشى كېرەكلىكىنى، «ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن باشقىچە چارە قوللىنىشقا مەجبۇر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئاخباراتقا بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى دۇڭگو ( لاي تۇڭكو) كىتاب سودىگىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: « بىزدە بىر ئادەمنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان قانۇنىي يول يوق. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بارلىق دېلولارنى خوڭكوڭ قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ.»

لىن رۇڭجىنىڭ ئاخباراتقا ئېيتىشىچە، يوقاپ كەتكەن بەش نەپەر كىتاب سودىگىرىنىڭ بىر نەپىرى خىتاي ئالاھىدە خادىملىرى تەرىپىدىن خوڭكوڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى زۆرۈر تېپىلسا مەخسۇس ساقچى ئاجرىتىپ لىننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزلىرى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چارشەنبە كۈنى ئىككى يېرىم سائەت مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن.

خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.