خوڭكوڭ تۇڭلۇۋەن كىتابخانا باشلىقى لىن رۇڭچى تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىنى ئاشكارىلىدى

بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە غايىب بولغان خوڭكوڭ تۇڭلۇۋەن كىتابخانىسى خادىملىرىدىن مەزكۇر كىتابخانا باشلىقى لىن رۇڭچى، خوڭكوڭغا قايتىپ كېلىشى بىلەنلا 16-ئىيۇن كەچقۇرۇن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئەينى چاغدىكى كىتابخانا خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى ئاشكارىلىدى.

لىن رۇڭچى باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 24-كۈنى شېنجىنغا بارغان چېغىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەتىسى نىڭبو شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، «نازارەتخانا» نامىدىكى قاماقخانىغا قامالغانلىقىنى، بۇ جەرياندا دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى، بۇ يىل 3-ئايدا گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەنگە يۆتكەپ كېلىنىپ، سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ خوڭكوڭدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كىتاب ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى، كىتاب ئەۋەتىلگەن مۇشتەرىلەرنىڭ كىملىكى، مەزكۇر كىتابخانا نەشر قىلغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ باشلىقى لىن رۇڭچى بايانات بېرىش يىغىنىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ قېتىم تۇڭلۇۋەن كىتابخانا خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ئۆزىنىڭ ياكى كىتابخانا خادىملىرىنىڭ ئاددىي ھالدىكى تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى پۈتكۈل خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان «بىر دۆلەت-ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە باغلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بېيجىڭ بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن.