خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ئالاھىدە باھالىق توك بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-04-12
Share

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلى خەلقئارالىق بايقۇتقا دۇچ كەلگەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ئەرزان باھالىق توك بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئالاھىدە ئەرزان باھالىق توك بىلەن تەمىنلەش سىياسىتى خىتاينىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان رايوندىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە مەزكۇر ۋىلايەتتىكى 227 توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىسى بۇ خىل ‹ئالاھىدە باھالىق› توك سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان. خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى نۇقتىلىق مەركەزلەشكەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى بايقۇت قىلىشقا ئۇچرىغان. نۇرغۇن خەلقئارا شىركەتلەر «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشنى رەت قىلغانىدى.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر 2015-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ھەر كىلوۋات سائىتى 0. 38 يۈەنلىك توك بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت مالىيەسى بۇ كارخانىلارغا ھەر كىلوۋات سائەت توك ئۈچۈن 0. 03 يۈەندىن تولۇقلىما بەرمەكتىكەن. خەۋەردە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى 34 مىليون يۈەن ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتايدا توك باھاسى ئەڭ ئەرزان رايون ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت