«مۇھاپىزەتچى گېزىتى: «گۈزەللىك سالونلىرى، كىيىم مودا مۇسابىقىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش شەكىللىرىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» 20‏-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ھەققىدە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى، رايوندىكى مودا كىيىم كۆرگەزمىلىرى، گۈزەللىك سالونلىرى ۋە باغچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇللارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە، شىنجاڭدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەزگىلدە مودا كىيىم كۆرگەزمىلىرىگە، گۈزەللىك سالونلىرىغا ياكى باغچىلارغا دىققەت قىلىشنىڭ بەك غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىنلىكى، لېكىن بۇنىڭ غەلىتە ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ: «بۇ شەكىللەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى. يېقىنقى تەتقىقاتلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىلمەكتە. 2011‏-يىلى ‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى› دېگەن نامدا باشلانغان ھەرىكەتتە، ئاياللار نىقاب ۋە ھىجاپنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، قىسقا ۋاقىتتا ساتىراشخانا ۋە گۈزەللىك سالونلىرى روياپقا چىقتى» دېيىلگەن.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى قارىشىمىز: خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مودا كىيىم كۆرگەزمىلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى شۇ ئارقىلىق «ئاياللارنىڭ بەدەن كۆرۈنۈشى ئۆزگەرتىش، ئاندىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش» ئىكەن.

ماقالىدە يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 28 خىتاي شىركىتى ۋە يەرلىك ج خ ئورگىنىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكى ھەم ۋىزا ئىمبارگوسى قويغانلىقى تەكىتلىنىپ، «كىشىلەر پرېزىدېنت ترامپنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى سۆزى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە گۇمان بىلەن قارىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا كۆز يۇمۇۋالغان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنىلا ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەبلىغىنى، دەپ قاتتىق نومۇسسىزلىق قىلماقتا. ئەنگلىيە، گېرمانىيەك ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر ئىنكاس بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بېسىم ئىشلىتىشكە ئىستەكسىزلىك قىلماقمات. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ئىشلار قىلىنىشى كېرەك» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت