دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، ناخشىچى رەھىمە مەھمۇت تەشكىللىگەن «مىراس: يىپەك يولى ناخشا-مۇزىكا ئۆمىكى» 15-فېۋرال كۈنى لوندوندىكى گرەند جەنكشىن (The Grand Junction) مۇنبىرىدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئاھۇ-زارى ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتى X (تىۋىتتېر) دە ئېلان قىلغان ۋىدىيو ۋە باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان سازلىرىنىڭ تەڭكەشىدە ئۇيغۇر مۇقامى، خەلق ناخشىلىرى ۋە داڭلىق مۇزىكا ئەسەرلىرى ئورۇنلانغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەككە ۋە بېكىك مەدەنىيەت ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تۈركىيەگە تۇتاشقان بۈيۈك مەدەنىيەت ئىكەنلىكى نامايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىدىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارىماي، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە گۈزەللىكىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ مېڭىۋاتقانلىقى جاكارلانغان.
بۇ ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكىدە رەھىمە مەھمۇت خانىم ئورۇندىغان «ۋەتەن سېنى ئانا دەيمەن» دېگەن ناخشىدا، ئانا ۋەتەنگە بولغان كۈچلۈك سېغىنىش ئىپادىلەنگەن بولسا؛ شۆھرەت نۇر دۇتار بىلەن ئورۇندىغان جۇشقۇن مۇزىكا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغان روھى ۋە جاسارىتىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ۋىدىيوغا ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مۇزىكىسى نامايان قىلىنغان مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى گرەند جانكشىن سەنئەت مەركىزى سەنئەت مىراسىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، سەنئەت ئىجادىيىتى قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچىلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىكەن.