دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىدىغان كۆچمەنلەر ئۈچۈن تور سودىسى مەركىزى قۇرىدىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بازىرى - «ئالىبابا» بىلەن بىرلىشىپ رايونغا قايتىدىغان كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ سودا باشلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرگە تور سودىسى مال يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرىدىكەن.

شىنخۇا ئاخباراتىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، مەركەزلەر غۇلجا، قەشقەر ۋە خوتەن شەھەرلىرىگە قۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بۇ تور بازىرى مال يەتكۈزۈش مەركەزلىرى قايتىپ كېلىدىغان كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ سودا باشلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن غۇلجا، قەشقەر ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە ئېچىلىدۇ.»

خەۋەردە بۇ مەركەزلەرنىڭ كەلگۈسى ئۇچ يىلى ئىچىدە پۈتىدىغانلىقى، يەرلىكلەرنىڭ توردا سادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل فېۋرالدا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن ئالىبابا شىركىتى يېزا - قىشلار ۋە چەت ياقىدىكى رايونلارغا تور بازىرى مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان.

شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تور بازىرى قۇرۇش مەبلەغ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىش ۋە تور بازىرى قۇرۇش تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تور سودىسى مەركىزى 2015 - يىلى نويابىر ئېچىلغان. مەزكۇر مەركەزنى «بايى لاۋيې» شىركىتى ئاچقان بولۇپ، مەركەز ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا مۇلازىمەت باشلىغان ئىدى.

ھالبۇكى «ئالىبابا» شىركىتى ئاچماقچى بولغان مەركەزلەرنىڭ رايونغا «قايتقان كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سودا باشلىشىغا ياردەم بېرىش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.