تاشمىلىقتىن بىر تۈركۈم ياش شەندۇڭغا ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ مېڭىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.02

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ياشلارنى خىتاي ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە يوللىغانلىقى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 84 نەپەر ياش كوناشەھەر ناھىيەسى تاشمىلىق يېزىسىدىن بولۇپ، بۇلار شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە ئەۋەتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ياشلارنى خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەش ئىشىنى ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى خۋا لەنچىڭ دائىرىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى سىرتقا يۆتكەش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش» دېگەن نام ئاستىدا 2004 - يىلىدىن بۇيان كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈلگەن بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل نارازى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

مەزكۇر سىياسەت 2009 - يىلدىكى «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن ئېتىبارەن سەل پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ يەنە كۈچىيىشكە باشلىغان.

تېخى ئۆتكەن ئايدىلا مەكىت ناھىيەسىدىن يەنە 300 نەپەر ئۇيغۇر ياش شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.