خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىشنى «تەرەققىيات» دەپ تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن تەدبىرلەرنىڭ بىرى نامرات ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۇيغۇرلارنى باي قىلغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل يوسۇندا ئەسلىدىكى مەھەللىلىرىدىن «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا كۆچۈرۈلۈپ باشقا جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش يېزىسىغا ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدە قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋادىسىدىن 14 مىڭ دېھقان كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلىرى دۆلەتنىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن بۇ دېھقانلار يېڭى ئولتۇراق ماكاندىكى 40 نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىرلىق سانائەت رايونىغا سېلىنغان زاۋۇتلارغا ئىشچى بولۇپ ئشقا چۈشكەن. بۇ خىل كۆچۈرۈلگەن ئاھالىدىن ئامىنە غوجى خىتاي مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ «ئۆيدىن چىقساقلا زاۋۇتقا كىرىمىز. ھازىر ئوبدان پۇل تېپىۋاتىمىز» دېگەن. ئەمما خەۋەردە بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان خىتاي سودىگەرلەرنىڭ ياكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرنى نەچچە يۈز مودىن ھۆددىگە ئېلىۋالغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ قانچىلىك پۇل تېپىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنز 5-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تېمىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ يەنە بىر خىل ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت