خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە «كۆك تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.12.20

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن خەلقئارانىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تۇنجى «كۆك تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلغان. خەۋەردە، بۇ كىتاب ئارقىلىق خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشتا قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان» دېيىلگەن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش» مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، مەزكۇر «كۆك تاشلىق كىتاب» نىڭ باش تۈزگۈچىسى زۇلھايات ئىسمايىل ئالاھىدە سۆز قىلغان. شۇنداقلا بۇ كىتابنى «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە يېزىپ چىققانلىقى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. خەۋەردە، بۇ قېتىملىق «كۆك تاشلىق كىتاب» سەككىز بابقا ئايرىلغان بولۇپ، «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.

شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سۈرەيلى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ جيەنگو مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشكەنلىكى، ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن خەلقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە مىسلىسىز ئەركىنلىككە ئىگە بولغانلىقى، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكى» نى شەرھلىگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىپ يەتكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نومۇسسىزلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور دەرېن بايلېر ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكتورلۇق ماقالىسىدە، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى دەسلەپكى قەدەمدە تارتىۋېلىنغان؛ ئىسلاھات باشلانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېلىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان؛ شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ ئاخىرقى قەدەملىرى ئېلىنغان» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.