ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر بايلىقىنىڭ خىتايغا توشۇلۇشى ھەسسىلەپ ئاشماقتا
2024.06.05
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 4-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈريول لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان كۆمۈرنىڭ مىقدارى 35 مىليون توننادىن ئاشقان. بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكى توشۇش سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، 50 پىرسەنتكە يېقىن كۆپەيگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجنىڭ جىددىي ئېشىشى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر قېزىش خىزمىتى ھەسسىلەپ ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن بىر پەسىلدىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر قېزىش مىقدارى 120 مىليون توننادىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە تۆمۈريول ئارقىلىق كۆمۈر يۆتكىگەندە «بىخەتەر بولۇش، يۆتكەش مىقدارى زور بولۇش، باھاسى تۆۋەن بولۇش» دېگەنلەرنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا ئارقىمۇئارقىدىن قۇرۇلغان يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يۆتكەش» تە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك بۇ خىلدىكى كۆمۈر يۆتكەشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور كۆلەم ئالىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلەنگەن تۈرلۈك ئۇچۇرلار مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسى ئۈچۈن كۆمۈر سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ تېخىمۇ زور قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئېلېكتىر قۇۋۋىتىدىن باشقا يەنە بۇ خىلدىكى كۆمۈر يۆتكەش كۆلىمى ئۆز نۆۋىتىدە پىروفېسسور پاللاۋى داس (Pallavi V. Das)نىڭ 2016-يىلى نەشىر قىلىنغان «مۇستەملىكىچىلىك، تەرەققىيات ۋە مۇھىت» ناملىق ئەسىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭدا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ خىلدىكى تۆمۈريوللار ھەرقاچان مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىدىن قېزىۋالغان بايلىقلىرىنى تېز سۈرئەتتە توشۇشىغا خىزمەت قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.