ئۇيغۇر ئېلىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتانول مونومېر تۈرى تەستىقلانغان
2024.06.04
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ چىيا چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى گۇرۇھىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليون توننا بولغان مېتانول مونومېر تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەستىقلانغان. بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتانول مونومېر (methanol monomer) ئىشلەپچىقىرىش تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي رايونىدا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، بېيجىڭدا مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ چىيا يېڭى ماتېرىيال چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يىللىق 6 مىليون توننا كۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتانول مونومېر تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئائىت تەتقىقات دوكلاتىنى باھالاپ بېكىتكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تۈرنىڭ رايوندىكى كۆمۈر بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر رايوننىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيەلىك سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، بۇنداق خىمىيەلىك سانائەت تۈرلىرىنىڭ بۇلغىنىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى» نى يولغا قويغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتانول مونومېرلىرى، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئېلېكتىرلىرى ۋە خام كۆمۈر مىقدارىنىڭ ئىچكىرى خىتايغا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ شىددەت بىلەن ئارتىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېلېكتىر-ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ كۈنسايىن شىددەت بىلەن ئېشىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ، تۇپراق ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھېنرى شاجېسكى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى.