خىتاي ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنىدا يەنىلا كونا چاقىرىقىنى تەكىتلىگەن

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئەرزىيەت خىزمىتى ھەققىدە بىر يىغىن ئاچقان، يىغىندا سۆز قىلغان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ بىلەن لى كېچياڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىدا يەنىلا مەسىلىنى مەنبەدىن ھەل قىلىش، يەنى تۆۋەندە بىر تەرەپ قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار سۆزىدە كىچىك مەسىلىنى ئارقىغا سوزۇپ چوڭايتىۋەتمەسلىكتەك ئىجابىي كۆرۈنۈشلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئارقىدىن بۇ تەشەببۇستىن مەقسەت ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان.

يىللاردىن بېرى بېيجىڭدا ئەرز-شىكايەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن تەلتۆكۈس ھايدالغان. ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدىكى مەۋجۇتلۇقى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىناۋىتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان.

بېيجىڭدىكى غوللۇق 20 نەچچە ئۇيغۇر ئەرزداردىن تۇرسۇن غوپۇر، ئايگۈل توختى قاتارلىق بىر قىسمىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئۆمەرجان ئىمىن ۋە نۇرۇنگۈل توختى قاتارلىق يەنە بىر قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org