خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبقا ئىگە مەھەللىلەرنى چېقىشى قەشقەر شەھرىدىكى «چېقىش ۋە قايتا قۇرۇش» تا ئەڭ روشەن ئەكس ئەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل چېقىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ھەرقايسى «كونا» مەھەللىلەرنىڭ «ۋەيرانە» ھالىتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بۇ خىل كونا رايونلار ۋە مەھەللىلەرنى چېقىش سۈرئىتىنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تېز سۈرئەتتە تاماملاشنى قارار قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا 2021-يىلىنىڭ ئۆزىدە 230 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق كونا ئۆيلەر چېقىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا 2.8 مىليارد سوم (تەخمىنەن 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ئاجراتقان بولۇپ بۇنى «ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشتىكى بىر زور قەدەم» دەپ تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.
ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھالنى تەنقىدلەپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوق قىلىش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئەسلىتىدىغان بارچە شەيئىلەرنى يوق قىلىشنى قەستلىمەكتە» دېيىشتى.