كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشتىكى رولىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە. 30 - ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي مەملىكەتلىك كوڭزى ئىنستىتۇتى باش ئورگىنى بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە مەخسۇس كوڭزى ئىنستىتۇتى باش ئورگان كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى يىغىنىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى پىلانىنى ئىشق ئاشۇرۇش جەريانىدا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە خىتاي تىلىنى كېڭەيتىشتە ئوينايدىغان رولى ھەم باشقا مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ۋە 15 دۆلەتتىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە باشقا ۋەكىللەر قاتناشقان. شۆھرەت زاكىر سۆز قىلىپ، كوڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە 2009 - يىلى مەملىكەتلىك كوڭزى ئىنستىتۇتى باش شىتابى، يەنى، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن خىتاي تىلىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىش بازىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغانلىقى ۋە يەتتە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قوشنا بولۇش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي تىلىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىشتە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن 6 دۆلەتتە 10 كوڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي مائارىپ دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە باشقا جەھەتلەردىكى يېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەردە خىتاي تىلىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتمەكتە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تىببىي ئۇنىۋېرسىتېت ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مىللەتلەردىن كۆپلەپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.