جەنۇبىي كورىيە خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى


جەنۇبىي كورىيە 7 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى كورىيىدە ئورناتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا كورىيە تەرەپ خىتاي تەرەپنى ئۆزىگە قاراتقان ئەيىبلىشىنى توختىتىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئىغۋاگەرچلىلكىرىنى توختىتىشتا ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرغان.

خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى ئېگىزلىك ئۇرۇش مەيدانى مۇداپىئە سىستېمىسى دەپ ئاتالغان يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى كورىيە تەرەپ شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو ئىغۋارگەچىلىكلىرىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئىدى.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» 3 - ئاۋغۇست كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، كورىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۇرۇش مەيدانى مۇداپىئە سىستېمىسى دەپ ئاتالغان مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورناتماقچى بولۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنقىد قىلىپ، «جەنۇبىي كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قارارى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قوشنا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىگە زىيان سېلىشتىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەن.

جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىنىڭ كورىيەنىڭ پۈتۈنلەي مۇداپىئە خاراكتېرىغا ئىگە ھەرىكەتلىرىگە ئېسىلىۋالماي، ئەكسىچە خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرغىچە تۆت قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ يىل ئىچىدە 10 نېچچە راكېتا قويۇپ بېرىپ، كورىيە ئارىلىنىڭ ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان شىمالىي كورىيىگە نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق مەيدان قوللىنىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان ئىدى.