كورلا خەلقى بىر ياقتىن «مەشرەپ» ئويناپ، يەنە بىر ياقتىن «ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى» كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.12

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنىڭ زەربىسىگە بىر قەدەر ئېغىرراق ئۇچرىغان رايونلاردىن بىرى بولغان كورلادا خەلق ئاممىنىڭ بىرلىكتە مەشرەپ ئوينىغانلىقىغا دائىر رەسىملىك خەۋەر تارقاتتى.

يۇقىرىقى خەۋەردە 10-ئاپرېل كۈنى كورلا خەلق مەيدانىدا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناپ، مەشرەپ ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.

تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر بىر پارچىمۇ خەۋەر تارقاتمىغان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىردىنلا مەشرەپنى تىلغا ئېلىپ قالغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى بويىچە بايرام ئۆتكۈزگەنلىكى، خىتايچە كىيىنىپ ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىغانلىقىدەك تەشۋىقات سۈرەتلىرى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقتىن ئۇلار بۇ سۈرەتلىك خەۋەر ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت پىكرىنى تەڭشىمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

كورلادا «ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خۇشال-خۇرام ھالدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەر بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا كورلادىكى تېببىي ساھە خادىملىرىنىڭ بىردەك «ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى» كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى كورلادىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىچە ئۆزگەرمىگەنلىكىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.