ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرۇپ دۇنياغا تەھدىت ياراتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ 11-مارت ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «مىراس فوندى جەمئىيىتى» قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالىنى مەخپىي تۇتۇپ، دۇنيانى ئىككى ئاي تەييارلىق قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بۇ ۋىرۇس ئامېرىكادىن ئەمەس، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن چىققان. بەختكە قارشى ھالدا ئەڭ ئىلغار چارىلەر قوللىنىلىشىنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ۋۇخەندىكى ۋىرۇس پارتلىمىسى مەخپىي تۇتۇلدى. بۇ بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئىككى ئاي كېچىكتۈردى.»

ئۇ يەنە ئەگەر بۇ ۋىرۇس پارتلىمىسى ئىككى ئاي يوشۇرۇن تۇتۇلمىغان بولسا، خىتايدا ۋە نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايدىن ئامېرىكاغا كۈنىگە 20 مىڭدەك ئادەم كېلىدىغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدىن ئامېرىكاغا كىرىدىغان ھاۋا قاتناشنى توختاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت جەسۇرانە بىر قارار ئالدى. ئۇ مۇشۇ خىل قارارنى باشتا ئالغان ساناقلىقلا دۇنيا رەھبىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئامېرىكانى 6 دىن 8 ھەپتىگىچە ۋاقىت ئەۋزەللىكى بىلەن تەمىن ئەتتى.»

«تاجسىمان نەپەس يولى ۋىرۇسى»، يەنى كورونا ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان ۋە تېزىدىن دۇنياغا تارقىلىپ، نۆۋەتتە 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە ئاز دېگەندە 5 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

شۇنداق ۋەزىيەتتە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدىن كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.