ئامېرىكا خىتاي باياناتچىسىنىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى «خەتەرلىك ۋە كۈلكىلىك» سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
2020.03.16
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-مارت يەنى ئۆتكەن جۈمە خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى چاقىرتىپ، خىتاي باياناتچىسىنىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى تارقاتقان، دېگەن «خەتەرلىك ۋە كۈلكىلىك» سۆزلىرىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 12-مارت تۋىتتىردا ئىنكاس يېزىپ، «يۇقۇمنى ۋۇخەنگە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى». . . . . . . ئۇنىڭ «سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارا قىلىشى» ۋە «خىتايغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋېد ستېۋېل سۈي تيەنكەينى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا كەسكىن دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان. يۇقىرىقى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا دىپلوماتى CNN گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، دەيۋېد ستېۋېلنىڭ سۈي تيەنكەيگە پاكىتنى كەسكىن رەۋىشتە خاتىرىلەتكەنلىكى، خىتاي ئەلچىسىنىڭ «مۇداپىئەگە» چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورونا ۋىرۇسى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋۇخەندە پارتلاپ پۈتۈن دۇنياغا تارالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندە ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپىنى كۈچيەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىقلار خىتاينىڭ ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى زور خەۋپكە مۇپتالا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
CNN نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى س ن ن نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ «يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇمنى قوزغاش ۋە دۇنياغا ئېيتماسلىقتىكى رولى» سەۋەبلىك ئۇچرايدىغان تەنقىدلەردىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.









