خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.17

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسى تېزدىن دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جىددىي ئاشماقتا.

ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «تاجسىمان ۋىرۇسى ئامېرىكادا 150 مىليونچە كىشىگە يۇقۇشى مۇمكىن» دېگەن پەرىزى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن خىتاينى تۆلەم تۆلەشكە چاقىرىش چۇقانلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۆتكەن ھەپتە فىلورىدا شتاتىدىكى ئاھالىدىن تۆت كىشى ھەمدە شۇ جايدىكى بىر كالتەك توپ مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تاجسىمان ۋىرۇسقا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساقلىق كومىتېتى، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى، ۋۇخەن شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

فىلورىدا شتاتىنىڭ بوكا راتون شەھىرىدىكى «بېرمان ئادۋوكاتلار مەركىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ تۆلەم ھەققىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەرزدە خىتاي ھۆكۈمىتى «بىلىپ تۇرۇپ ۋىرۇسنىڭ خەتىرىنى خەلقتىن يوشۇرغان، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي غايەت زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ ئەيىبلەنگەن. شۇنىڭدەك مۇشۇ مەركەز ئارقىلىق ئۆزلىرىگە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلورىدا شتاتىدا تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 200 گە يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە بەش كىشى ۋىرۇستىن ئۆلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.