كۈنمىڭ ساقچىلىرى ھايۋاناتلار باغچىسىدا پىچاقلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى
خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدە، 26 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى كۈنمىڭ خۇاشەن ساقچىخانىسى بىلەن كۈنمىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
-
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-04-26 -
-
-
خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدە، 26 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى كۈنمىڭ خۇاشەن ساقچىخانىسى بىلەن كۈنمىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
تورغا يوللانغان 5 پارچە فوتو سۇرەتتە قالقانلىق ساقچىلارنىڭ قوللىرىدا پىچاق ۋە قىڭغىراق كۆتەرگەن ئىككى نەپەر ساقاللىق ئادەم بىلەن ئېلىشىۋاتقان ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، رەسىم ھەققىدىكى ئىزاھاتتا «قوللىرىغا پىچاق ۋە قىڭغىراق كۆتۈرگەن ئىككى " گۇماندار" ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدا بىلەت تەكشۈرگۈچىنى "چاناپ يىقىتقان"دىن كېيىن، قوغدىغۇچى خادىملار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ باغچىغا كىرگۈزۈلمىدى، گۇماندارلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ باغچا دەرۋازىسى ئالدىدىكى بىلەت سېتىش ئورنىدا يەنە "قاتىللىق" قىلماقچى بولغىنىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلگەن.
2014 - يىل 1 - مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدە، پويىز ئىستانسىسنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىدا، نىقاپلىق 5 كىشى يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ 33 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 143 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقە قاتناشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى،نەق مەيداندا ئۇلاردىن 4 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، بىرىنىڭ يارىدار قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە ۋەقەدىن كېيىن يارىلانغان ئۇيغۇر ئايال ۋە باشقا بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.