خىتاي شىركەتلىرى ياسىغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى ھىندىستان ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.06

«بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 5-فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Waree Energies ئامېرىكاغا نەچچە مىليون كۈنتاختا ئېكسپورت قىلغان. ھالبۇكى، بۇ كۈنتاختىلارنىڭ ماتېرىيال ۋە زاپچاسلىرى خىتاينىڭ لۇڭجى يېشىل ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ مالايسىيا ۋە ۋىيېتنامدىكى زاۋۇتلىرىدىن كېلىدىكەن. لۇڭجى شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان كۈنتاختىلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستان كۈنتاختا شىركىتىدىن پايدىلانغان.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى ھىندىستانغا پۇرسەت تۇغدۇرغان. ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ھىندىستان كۈنتاختا شىركەتلىرى ئامېرىكاغا 2 مىليارد دوللارلىق كۈنتاختا ئېكسپورت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىل 8-ئايدا كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىغان لاۋرا مۇرفى (Laura Murphy) ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە: «‹ھىندىستاندا ياسالدى› دەپ ماركا چاپلانغان كۈنتاختىلارمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق» دېگەن. ئۇنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، لۇڭجى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۈنتاختا ماتېرىيالىغا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلىتىلگەن.

 ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان كۈنتاختىلارنى چەكلىشى خىتاي كۈنتاختا شىركەتلىرىگە ئېغىر زەربە بەرگەن. لۇڭجى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جۇڭ باۋشېنمۇ ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ بۇ شىركەتكە چوڭ زىيان سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە «ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز قايتۇرۇۋېتىلگەن مەھسۇلاتلىرىمىزنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا كىم ئالسا شۇنىڭغا سېتىشقا مەجبۇرمىز» دېگەن.

نۆۋەتتە، ھىندىستان كۈنتاختا شىركىتىنىڭ لۇڭجى شىركىتى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ ياسىغان كۈنتاختىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشىدا يەنىلا يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.