خىتاي لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان «ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» د ئۇ ق غا قارشى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.07

خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان بەزى «ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈستىدىن ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتكەن، دېگەن سەۋەب بىلەن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، خەۋەردە قانداق ئەرز قىلىدىغانلىقى، د ئۇ ق نىڭ باش شتابى تۇرۇشلۇق گېرمانىيەگە كېلىپ ئەرز قىلىدىغانلىقى ياكى خىتاي سوت ئورۇنلىرىغا ئەرزى قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ، خىتاينىڭ د ئۇ ق غا قارشى قوللانغان يېڭى بىر خىل تاكتىكىسى ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا چېدىر قۇرۇپ، كۆرگەزمە ئاچقان. كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رەسىمى قويۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى گۈلنار ئوبۇل، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ خادىمى غەيرەت ئابدۇراخمان قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ رەسىمى بار ئىدى. لېكىن، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گۈلنار ئوبۇل، ئازات سۇلتان، غەيرەت ئابدۇراخمان قاتارلىقلار مەزكۇر گېزىتكە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ لاگېردا ياتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا د ئۇ ق نى ئۆزلىرىنىڭ رەسىمىنى رۇخسەتسىز كۆرگەزمىگە قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلار بىردەك «نامى پۇر كەتكەن بۇ تەشكىلاتقا قارشى قانۇنىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 6‏-مارت رادىيومىزدا بۇ خەۋەرگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، يۇقىرىقى زىيالىيلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ بېسىمىدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاينىڭ مەقسىدى بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش» ئىكەن. رادىيومىز ئىلگىرى گۈلنار ئوبۇل، ئازات سۇلتان، غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەللىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.