«خىتايدىكى ئۇيغۇر لاگېرلىرى» مۇھاكىمە يىغىنىدا لاگېرلار ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14-ماي، يەنى سەيشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇر لاگېرلىرى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

«كۇنا» ناملىق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە پوست-دوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇنى ستىنبېرگ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا قاماۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققاندا ياۋروپادا ھېچكىمنىڭ، ھەتتا ئاخباراتلارنىڭمۇ ئىشەنمىگەنلىكىنى، ئاقىۋەتتە بۇنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى زور پاجىئەگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشى قامالغان بۇ لاگېرلاردا تولىمۇ قورقۇنچلۇق زۇلۇملار، قېيىن-قىستاقلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ لاگېرلار ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. 

بىريۇسسېلدىكى ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋېنېسسا فىرانگۋىل سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا جامائەت پىكرى قوزغىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نورمال ئالاقىمىزنى داۋام قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز خىتايدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشماسلىقىمىز، خىتاي ئىلمىي خادىملىرىنى ياۋروپادىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا تەكلىپ قىلماسلىقىمىز كېرەك،» دېگەن. 

ۋېنىسسا خانىم يەنە لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 

يىغىندا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مادى شارما خانىم ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى خالمۇرات قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلغان. 

مادى شارما خانىم سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا چاقىرغان بولسا، خالمۇرات ئۆز سۆزىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت