ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېخنىكىلىق خادىملارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش» كە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىماقتا.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا 34 مىڭ كىشى يېڭىدىن «يۇقىرى تېخنىكىلىق» تالانت ئىگىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆزىدە «دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئۇستازلىرىنى تەربىيەلەش ئورنى» دىن ئونى يېڭىدىن قۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «داڭلىق ئۇستىلارنى تەربىيەلەش ئورنى» دىن 87 سى، ئوخشاش دەرىجىدىكى «داڭلىق ئۇستىلارنى تەربىيەلەش بازىسى» دىن 41 ئى بارلىققا كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى جايلاردىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە بۇ لاگېرلارنىڭ «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. نۆۋەتتە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ «يۇقىرى تېخنىكىلىق تەربىيەلەش» نۇقتىلىرىنىڭ قانداق خاراكتېردىكى ئورۇنلار ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتقان ئانالىزچىلار «بۇ ئورۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇقۇملارنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئويۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.
