خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىغىنلىرىدا كۆپلەپ تەكىتلەنگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئالجىرىيە، ماراكەش، سىنگاپور، ۋېنگىرىيە، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن يەنە بىر تۈركۈم چەتئەل دىپلوماتلار ئۆمىكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زىيارەتتە بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «بۈيۈك بازار» نى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن. ئۇلار قەشقەردىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دە كۇرسانتلارنىڭ قانۇن بىلىملىرى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. كۇرسانتلاردىن مىرادىل يۈسۈپ ئۆمەكتىكىلەرگە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، جۈملىدىن «خەلق پۇلى» نى «كاپىرنىڭ پۇلى»، دەپ تەرك ئەتكەنلىكىنى، ھازىر بولسا بۇ خىل تەربىيەلەش ئارقىلىق بۇنىڭدىن خالاس بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ «تەسىراتلىرى» نى كۆپلەپ بايان قىلغان. جۈملىدىن ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلارغا ھەر كۈنى بىر قاپتىن ھەقسىز سۈت تارقىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ «سۈتنى بالىلارنىڭ قولىغا، مۇھەببەتنى بالىلارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىدىكەن» دېگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.

ھالبۇكى ئانالىزچىلار مەزكۇر ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي خەۋەرلىرىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە زور گۇمانلار مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا خىتاي ئاخباراتىدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جېننىي شىپلېي ئاغزىدىن بېرىلگەن بايانلارنى كېيىنچە جېننىي خانىمنىڭ «مەن ھېچقاچان ئۇنداق دېمىگەن» دەپ ئىنكار قىلغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت