«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ كېلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرلىرىنىڭ رايوندا 7 كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ئىستىبدات رەھبىرى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان لاگېرلار تورىنىڭ ئىزچىل مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقى تەكىتلەنگەن. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز لاگېردىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىپ، جەمئىيەتكە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ۋە شاھىتلار ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ راست بولۇشى گۇمانلىق دەپ قارىماقتا. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى چوڭ-كىچىك لاگېرلارنىڭ يەنىلا قاتتىق بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك ئاستىدا كونترول قىلىنىدىغانلىقى، خوتەن ئەتراپىدا چوڭ تىپلىق 5 لاگېر بارلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىرلار سۈنئىي ھەمرادا تارتىلغان رەسىملەردىن خوتەندىكى بىر لاگېرنىڭ قارشى تەرىپىگە يەنە بىر يېڭى لاگېر سېلىنغانلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ لاگېرلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋۇتلارغا ھەمدە باشقا جايلاردىكى دىنىي ئورۇنلارغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ غەلىتە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ توسۇشىغا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر مۇخبىرلارنى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دە يېتىپ چىققان 25 ياشلىق ئابدۇۋەلى كەبىر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ «ئۆيى» دە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە بۇ ياشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى سۆزلەرنى تەكرارلىغانلىقى، بۇ ئۆينىڭ ئۇنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكى مۇخبىرلاردا گۇمان قوزغىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، مۇخبىرلار شۇ سۆھبەتتىن بىر قانچە سائەت كېيىن بۇ ياشنى ئۆيگە ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىغان. خەۋەردە ئابدۇۋەلى كىبىر ئايالى ۋە ئۇنىڭ 2 ياشلىق قىزىنىڭ بۇ ئۆيدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت