ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئاۋسترالىيەنىڭ «يېشىل كارتىسى» بار ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار كانبېررا ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ياكى نەزەربەند قىلىنغان ئاۋسترالىيەدە، مەڭگۈلۈك تۇرۇش سالاھىيىتىگە، يەنى «يېشىل كارتىغا» ئىگە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان.

ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ 11‏-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 17 نەپەر ئۇيغۇر خىتايدىكى تۈرمە، «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياكى ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇلار 2017 ‏-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىغا قايتىپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى نەزەربەند قىلىنغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىمنىڭ «مۇستەقىللىق گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، «بۇ كىشىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش سالاھىيىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ بېرىشىغىلا ئۇلارنىڭ قولىدىكى خىتاي پاسپورتى تارتىۋېلىنغان».

نۇرگۈل ساۋۇت يەنە «بىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنىمىز شىنجاڭدىكى بۇ 17 كىشىنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان 17 ئائىلىنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلەۋاتىمىز» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال ئاۋسترالىيەدىكى ئائىلىلەرنىڭ خىزمىتى ۋە روھىي سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت مىجىت، خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگېرىدىكى ياكى نەزەربەند ئاستىدىكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ 20 دىن ئاشىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

قاتاردىكى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 11‏-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نۆۋەتتە ھەرقانداق بىر ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى، لېكىن ئاۋسترالىيەلىك ئائىلىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇ قانداق جاۋابقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت