كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا لاگېرلار مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يۇقىرىقى بۇ ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىلدى.

يۇقىرىقى بۇ چاقىرىق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيەسى قاتارلىق 5 ئورگاننىڭ ئورتاق ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان.

تېخى ئىككى كۈن ئالدىدا، يەنى 4-ئاينىڭ 1- ۋە 2-كۈنلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبەتتە ئۇيغۇر رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لاگېرلارنى چەكلىمىسىز ۋە مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يۇقىرىقى تەشكىلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەلەپ ۋە ئەندىشىلىرىنى 9-ئاپىرىلدىكى ئۇچرىشىشتىمۇ قايتا تەكىتلەش، بۇ ھەقتە خىتايغا ئورتاق بېسىم ھاسىل قىلىشنى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، راھىلە داۋۇت، ئەلى مامۇت، غەيرەت نىياز، مەمەتجان ئابدۇللا ۋە ئابدۇخېلىل زۇنۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلغان ئىدى.