ئاتاقلىق ئوبزورچى س ج ۋېرلېمەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تراگېدىيەنى توختىتىشقا كېچىكىپ قالماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى تونۇلغان ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچى س ج ۋېرلېمەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا كېچىكىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيەسى ت ر ت نىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قاماۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە دۇنياۋى بىر نارازىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ لاگېرلارغا ئائىت دىققەت قوزغايدىغان ۋە كىشىلەرنى چۆچۈتۈۋېتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاخبارات، تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كېتىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چۈنكى، خىتاي بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ جامائەتنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزى بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋالغانلىقىنى جۈملىدىن، تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئوبزورچى س ج ۋېرلېمەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىشنىمۇ بۇنىڭدىكى بىر ئامىل، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئۆچ ئالماسلىقى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

س ج ۋېرلېمەن ماقالىسى ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ رەت قىلغۇسىز دەرىجىدىكى پاكىتلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، خەلقئارا جامائەتنى بۇ تراگېدىيەنى توختىتىشقا كېچىكىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت