«كەسپىي تەربىيەلەش» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى تەرەپ-تەرەپتىن مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
AFP

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى مۇئەسسەسىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئۇچۇرلار كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك داۋام قىلىۋاتقان «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش» نامىدىكى سىياسىي پائالىيەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «سىياسىي ئۆگىنىش» لەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان «شىنجاڭغا ئائىت بىرنەچچە تارىخىي مەسىلە» تېمىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب، «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى»، «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش خىزمىتى» قاتارلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يامراپ كەتكەنلىكى، ئۇنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن «كەسپىي جەھەتتىكى تەربىيەلەش» نى كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى تىپىك «ئۆگىنىش» ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى ۋە بۇنىڭدىكى تەجرىبىلەر قايتا ئۆگىنىلگەن. شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەخسۇس لايىھەسىمۇ يېقىندا ئومۇميۈزلۈك تارقىتىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر لايىھەدە 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش» ھەرىكىتى داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھەر يىلى 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلارغا «تەربىيەلەش» نامىدا قامىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق «تەربىيەلەش» كە ئېھتىياجى يوق كەسپىي خادىملار ئىكەنلىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا. ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت