خىتاي دائىرىلىرى يەنە 6 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى 9‏-يانۋاردىن باشلاپ تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان، ئافغانىستان، بانگلادەش، سىرىلانكا قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللىگەن.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 مىليوندەك ئادەم قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاقلاشقا باشلىغاندىن بېرى 2‏-قېتىم بۇ خىل زىيارەتكە تەشكىللىشىدۇر. دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قەشقەر، خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىكى 3 «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان. ئەمما بۇ ئورۇنلار بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا گۇمان قوزغىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى شۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرسىتىشنى خالىغان يەرلەرنى زىيارەت قىلالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ئۆتكەن قېتىملىق مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىغا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنى قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم بىرمۇ غەرب مۇخبىرىنى قاتناشتۇرمىغان.

«جۇڭگو خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەتكە تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان، ئافغانىستان، بانگلادەش، سىرىلانكا قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ 12 مۇخبىرى، تەھرىرى، رىياسەتچى ۋە فوتوگرافلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۇنجى قەدەمدە سانجى شەھىرىنى زىيارەت قىلغان. يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

«جۇڭگو خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 11‏-يانۋار كۈنى سانجىدىكى زىيارىتىنى تۈگىتىپ، كېيىنكى زىيارەت بېكىتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدە تۈركىيە ئاتۋ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرىنىڭ بارلىقى دىققەت قوزغىدى. تۈركىيەنىڭ «زىرۋە شىركەتلەر گۇرۇھى» غا قاراشلىق مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئەرودوغان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم. ئاتۋ تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن «زىرۋە شىركەتلەر گۇرۇھى» نىڭ «ساباھ» گېزىتى بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدىغان خەۋەرلەرنى بەرگەن. «جۇڭگو خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى سانجىدىكى زىيارىتىدىن ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە قەشقەر بىلەن ئارتۇشنى زىيارەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت