خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى كەلگەن ساياھەتچىنىڭ سانى بىلەن نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا نورمال قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان رايون ياكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ھەر يىلى مىليونلاپ كۆپەيمەكتە دېگەن شەكىلدە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتچى زۇۋانى بولغان «دۇنيا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ باھاردا سىرتتىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن 342 خىل ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىچكىرىدىن نۇرغۇن خىتاي ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىغا بېرىپ، بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن يۇرتىدىكى خىتاي دوستلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەت پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ ۋە ساياھەتچىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى نورمال ۋە خەلقىنى خاتىرجەم دەپ ئىجابىي تەشۋىقات قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 3 مۇخبىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندا بېرىپ كۆرگەنلىرىنى رەسىم ۋە سىن بىلەن ئېلان قىلىپ، تېمىسىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر شەھەرنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇشى» دەپ قويغان ئىدى. بۇ مۇخبىرلار خوتەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شەھەرنى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇخبىرلار قەشقەرنىڭ بىر ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قىسمىنى زىيارەت قىلىمىز دېگەن ۋاقتىدا، خىتاي ساقچىلىرى ھەتتا يالغان ماشىنا ھادىسى پەيدا قىلىپ ئۇلار ماڭماقچى بولغان يولنى پۈتۈنلەي توسۇۋەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقىي ۋەزىيەتنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىگە قەستەن توسقۇنلۇق ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇلار يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى دۇنياغا ناھايىتى نورمال قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆز-بويامچىلىقى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت