لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ قانداق روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇۋاتقاندا يەنە بىر تۈركۈم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ لاگېردىن تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

«دۆلەتلىك خەلق رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فېڭ ئىمزاسىدا 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار قازاقىستاندا زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن 26 كىشى ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا لاگېردىكى تۇغقانلىرىنىڭ قويۇۋېتىلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ رەسمىي تۈرمىلەرگە جازا مۇددىتى ئۆتەشكە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «لاگېردىن قويۇۋېتىلدى» دېگەن كىشىلەرمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەن.

زىيارەت قىلىنغان بۇ كىشىلەر بىردەك لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ئۈچۈن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان روھىي ۋە جىسمانىي بېسىم، شۇنداقلا ئېغىر تەھدىتلەر ئاستىدا «تەربىيە» ئالىدىغانلىقى، بىر قىسىملىرىنىڭ «تەربىيەلەشنى پۈتتۈرگەن» دىن كېيىن زاۋۇتلارغا ئىشقا يۆتكەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.

رادىيومىزمۇ ئىلگىرى بۇ ھەقتە كۆپلەپ خەۋەر بەرگەن بولۇپ، قازاقىستاندىكى بۇ كىشىلەرنىڭ شاھىتلىق بايانلىرى بىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزنىڭ چىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت