ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ سانى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-13
Share

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر قامالغان دەپ قارىلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ سانى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ لاگېرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن بۇ ساھەنىڭ ئاۋانگارت ئالىملىرىدىن بولۇپ قالغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدا ئاز دېگەندىمۇ مىڭدىن ئارتۇق لاگېر مەۋجۇت» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئادريان زېنز ئۆزىنىڭ بۇ ساننى ھازىرچە مەلۇم بولغان خىتايچە ھۆججەتلەر ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاساسىدا تولىمۇ تۆۋەن مۆلچەردە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، «ھازىرچە مەلۇم بولغان دەلىل-ئىسپاتلار بۇ ساننىڭ 1200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ،» دېدى. 

فرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى» نىڭ خادىملىرى ھازىرچە ئۆزلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە 500 گە يېقىن لاگېر بارلىقىنى دەلىللەپ چىققانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت