لائوستا خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم يۈز بېرىپ، بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن، 3 نەپىرى يارىلانغان.
شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم سەيشەنبە كۈنى لائوسنىڭ لۇئاڭ پراباڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ خىزمەت بىناسىدا يۈز بەرگەن.
خەۋەردە ھۇجۇمنىڭ كىم تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن نىشان قىلىنغانلىقى شەرھلەنمىگەن.
بۇ، مەزكۇر دۆلەتتە بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ئىشچىلىرىغا قارشى يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم. بۇ يىل يانۋاردا لائوسنىڭ بىر تاغلىق رايونىدا خىتايلار بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر كان شىركىتى خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقى مول لائوسقا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنىڭ سۇ، ياغاچ ۋە مىنېرال بايلىقىنى خىتايغا ھەرخىل قاناللار بىلەن توشۇپ كەتكەن. بۇ يەرلىكلەر ئارىسىدا خىتاي ئۆچمەنلىكىنى ئۇلغايتقان.
