خىتاينىڭ لىڭ ۋەنچىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
2016.01.15
خىتاي پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى جۈمە كۈنى ئامېرىكا بىلەن سابىق كومپارتىيە باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لىڭ جىخۇانىڭ ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن سودىگەر ئاكىسىنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ليۇ جيەنچاۋ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن «دىئالوگ» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، لىڭ ۋەنچىڭ ئامېرىكىغا قاچقاندا خىتاي رەھبەرلىرىگە ئالاقىدار ئىنتايىن نازۇك ئۇچۇرلارنى ئېلىپ ماڭغان. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن پاناھلىق تىلەپ، قولىدىكى ئۇچۇرنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالى خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە قويغان.
لىڭ ۋەنچىڭنىڭ ئىنىسى لى جىخۇا 2012-يىلغا قەدەر كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بولۇپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئوڭ قولى ئىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن يىلى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى لىڭ ۋەنچىڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوباما ھۆكۈمىتى رەت قىلغان ھەم جاسۇسلىرىنى ئامېرىكىدا ئەۋەتىپ، لىڭ ۋەنچىڭنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان.









