بلىنكېن خىتاينىڭ لېتۋاغا بولغان بېسىمىغا قارىتا ئامېرىكانىڭ لېتۋا بىلەن پولاتتەك ھەمكارلىقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن
2021.08.23
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاينىڭ لېتۋاغا بېسىم ئىشلىتىشىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ لېتۋانى قوللايدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتدىكى بۇ ئىتتىپاقدىشى بىلەن پولاتتەك ھەمكارلىقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بلىنكېن بۇ سۆزلەرنى لېتۋا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەيۋەندە ۋاكالەتخانا قۇرۇشى، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىپ لېتۋاغا قارىتا قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان.
خىتاي 10-ئاۋغۇست كۈنى لېتۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن، شۇنداقلا لېتۋانىڭمۇ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا لېتۋا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان شۇنداقلا ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ۋە يارۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بلىنكېن 21-ئاۋغۇست لېتۋا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى گابرېليۇس لەندىسبېرگىس بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ «كۈچى ۋە كەڭلىك دائىرىسىنى مۇئايەنلەشتۈرگەن.» ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «بلىنكېن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زورلاش خاراكتېرلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكىمىز لېتۋا بىلەن بولغان پولاتتەك ھەمكارلىقىمىزنى تەكىتلىدى،» دېيىلگەن.