خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىنى شەرقىي لوندون رايونىغا كۆچۈرمەكچى بولغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇشنى چۆرىدىگەن كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلدى.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لوندوننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى لوندوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى «خاملېت مۇنارى» رايونىغا كۆچمەكچى بولغان. ئەمما بۇ رايون ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، پۈتكۈل رايون ئاھالىسىنىڭ 38 پىرسەنتى مۇسۇلمانلار ئىكەن. ئەركىن دېموكراتلار ۋە كونسېرۋاتىپلار شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىندا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ رايونغا كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدا مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كومىتېت ئەزاسى رابىنا خان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بارلىق ئەزالارنى ئۆز ئەلچىخانىسىنى بۇ جايغا كۆچۈرمەكچى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشكە چاقىردۇق» دېگەن.
گەرچە مۇھاكىمىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى رەت قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىنمىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەلچىخانا كۆچۈرۈلمەكچى بولغان جايدىكى ئاھالىنى بىئارام قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىخانىنى كۆچۈرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر 2018-يىلى دەسلەپكى قەدەمدە مەلۇم بولغاندا بۇنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى مارك باينېس بۇ ھەقتە توختىلىپ «مەن ھازىر بۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرىمەن. مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
«خاملېت مۇنارى» رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى نۆۋەتتە ئىلتىماس باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا تولۇق ئىشقا ئېشىشىغا خېلى ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.