ما شىڭرۇي «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» دىن «شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى» نى قوغداشنى تەلەپ قىلغان
2025.01.14
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-يانۋار بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي «شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى 13-نۆۋەتلىك 8-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ھەربىي رايوننىڭ «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشى» نى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا، 2025-يىلنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر يىل ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ، كومپارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مەركەزنىڭ «شىنجاڭنى تۈزەش ئىستراتېگىيەسى» بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش، ئالدى بىلەن چېگرانى مۇستەھكەملەپ، «شىنجاڭنى تىنچىتىش ۋە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش، تېررورچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشتە باشتىن ئاياغ چىڭ تۇرۇش، نۇقتىلىق جايلار ۋە مۇھىم قاتناش يوللىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قانۇننى بىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئېڭىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بازىسى ۋە ياۋرو-ئاسىياغا ئېچىلغان سودا دەرۋازىسى ھەم «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىساد تۈگۈنى بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك رايوننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشقا ئۆتكەنلىكى، يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
خەلقئارادا ھەربىي توقۇنۇشلار ۋە سۈركىلىشلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ما شىڭرۇينىڭ يېقىنقى بىرقانچە كۈندە قەشقەردىكى ج. خ ئورگانلىرى بىلەن «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» غا بېرىپ مەخسۇس مۇقىملىق ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىمەكتىكەن.
ما شىڭرۇي يەنە «تېررورلۇققا باشتىن ئاياغ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش» نى خىتاي ساقچىلىرىنىڭلا ئەمەس، ھەربىي كۈچلىرىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرى دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «خىتايدەك ھاكىممۇتلەق، دىكتاتور ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە خەلقنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن داۋاملىق تېررورلۇقنى باھانە قىلىدۇ ۋە يوق يەردىن تەھدىت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.