«خىتاي تور» نىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 24 كۈندىكى مەخسۇس خەۋىگە ئاساسلانغاندا، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا مەدەنىيەت-سەنئەت، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىنىڭ بىرلەشمە مۇزاكىرىسىگە قاتناشقان ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېڭىغا ئەمەل قىلىپ، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش پارتىيىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئاساسىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپە. كىشىلەرنىڭ قەلبىنى خىتاي ئېڭىغا مۇجەسسەم قىلىش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش كېرەك» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» توغرۇلۇق قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى› ئۇيغۇرلارنى ئوچۇقتىن ئوچۇق خىتايلاشتۇرۇش، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان» دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت رايونلاردىكى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېخى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە بەرمىگەن، شۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئېھتىمالى بار ئىكەن. «كىشىلەرنىڭ قەلبىنى خىتاي ئېڭىغا مۇجەسسەم قىلىش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش» خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە مىسال بولالايدىكەن.