ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرى ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرى ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قېتىلغان.

ما شىڭرۈي بۇ ئۆمەكتىكى ئەلچىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز بويامچىلىق ئادىتى بويىچە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش» تىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرغان. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنداقلا «شىنجاڭنى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆمەككە ئىراق، پاكىستان، ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، سۇدان، تۇنىس، يەمەن قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە دىپلومات خادىملىرى قېتىلغان بولۇپ، ئۇلار ما شىڭرۈينىڭ «ئىسلام ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەخت يارىتىش» تەشەببۇسىنى قىزغىن ئالقىشلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان، برۇنىي پادىشاھلىقى، بەھرەيىن، سۈرىيە، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى» غا شاھىت بولغانلىقىنى، خىتايچە دېموكراتىيەنىڭ دۇنياغا ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىزھار قىلىشقان.

خىتاينىڭ بۇ ئۆمەكنى كۈتىۋېلىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائىتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەلچىلەرنى مېھمان قىلىش ئارقىلىق يەنە يېقىن كەلگۈسىدە ئېچىلىدىغان ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

ئىسلام ئەللىرى ئۇزۇندىن بېرى خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى دەپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئىسلام دىنى ئۇچراۋاتقان ھاقارەت ۋە ھۇجۇملارغا پەرۋا قىلماس ھالغا كەلگەن. ۋاين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى خالىد بەيدۇن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى نامايىشتا سۆز قىلىپ: «مۇسۇلمانلار سان جەھەتتە ئارقىمىزدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇسىدىنمۇ كۆپ. ئەمما بىز ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا خىتايدىن قورقۇۋاتىمىز،» دېگەن.